روھلان تور بېكىتى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 روھلانغا ئەزا بولۇڭ

QQغا كىرىش

دەھشەت قولاي، باشلايلى

ئادەم دۇنياغا پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ، شۇڭا ياخشى ئىشنى كۆپرەك قىلىپ ياخشى نامىڭىزنى قالدۇرۇڭ
كۆرۈش: 8806|ئىنكاس: 63

روھلان تورى دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسىگە قاتنىشىڭ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ADiL 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

[?]
يوقلىما
178
تەڭگە
4087 دانە
تۆھپە
2744 سەر

نازارەتچى ئوردىنى مائارىپ ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-9 22:08:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار !
تور بېكىتىمىز 2008-يىلى 9-ئاينىڭ 26-كۈنى مائارىپ بايلىقلىرى ۋە كومپيۇتېر بىلىملىرىنى توپلاپ - تارقىتىشنى نىشان قىلىپ قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا خاسلىقىمىزنى ساقلاپ، بۇ ساھەدە ئازدۇر-كۆپتۇر نەتىجە قازاندۇق، 3 يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان روھلان تور بېكىتىدە مائارىپ دەرسلىك ماتىرىياللىرى ۋە كومپيۇتېر، تورغا ئائىت ئاز بولمىغان ماتىرىيال ۋە بىلىملەر يوللاندى، بۇنى تورداشلارنىڭ ئىزچىل روھلان تور بېكىتىنى قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىدىن ئايرىپ قارىيالمايمىز، قوللاش ۋە ئىناقلىق بىزنى تېخىمۇ ئالغا سىلجىتقۇسى .
بىز بۇ يىلقى قىشلىق تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى ئۇستازلارغا بىر سورۇن ھازىرلاش، مىللىي مائارىپىمىزنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىغا ئازراق بولسىمۇ تۆھپە قوشۇش مەقسىتىدە روھلان تور بېكىتىمىزدە دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسى ئۇيۇشتۇرماقچى .

روھلان تورىدا كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالى لايىھەلەش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش لايىھەسى




رايۇنىمىزدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائارىپ تېخنىكىسى، توردىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى، ئۇچۇر تەربىيىلىنىشى ۋە يۇمشاق دېتال لايىھەلەش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ پەن ئوقۇتۇش بىلەن ئۈنۈملۈك بېرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا كەڭ قوللىنىشىنى سىلجىتىش ئۈچۈن، روھلان تورىدا كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالى مۇسابىقىسى لايىھەسى تۈزۈپ چىقىلدى .
        1. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان خادىملار
مائارىپ سېپىدە ئىشلەۋاتقان ئوقۇتقۇچىلار
        2. مۇسابىقە تۈرى تەسىس قىلىش ۋە ئالاقىدار تەلەپ
        1) تۈر تەسىس قىلىش
        (1) بۇ قېتىمقى يۇمشاق دېتال مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر تىلى بويىچە ئايرىم ئايرىم ھالدا بالىلار باغچىلىرى، باشلانغۇچ، تۇلۇقسىز ۋە تۇلۇق ئوتتۇرا دەپ تۆت بۈلەككە ئايرىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ.
        2) تۈرنىڭ چۈشەندۈرۈلىشى ۋە تەلىپى
        كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى بولسا كۆپ ۋاستە تېخنىكىسى ۋە تور تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، رەسىم، تېكىست، ئاۋاز، سۈرەت قاتارلىق كۆپ خىل ئەكس ئەتتۈرۈش ئۇسۇلىنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇتۇش مەزمۇنىنى ئىپادىلەپ، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىكى ئۆگىتىش بىلەن ئۆگىنىشكە ياردەم بېرىپ، ئالاھىدە بېكىتىلگەن ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى تاماملايدىغان ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالىنى كۆرسىتىدۇ.  كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى مەلۇم بىلىم دائىرىسىگە، بىرەر سائەتلىك دەرسكە ياكى مەلۇم ئوقۇتۇش بۆلۈكىنىڭ مەزمۇنىغا قارىتىلسىمۇ بولىدۇ. يەككە ھالدىكى ئوقۇتۇش كۆپ ۋاستىلىق بايلىقى دەرس دېتالى دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ.
        ① لايىھەلەش تەلىپى : كۆرۈنمە چاستوتا، ئاۋاز، كارتۇن قاتارلىقلارنى لايىھەلەشتە ئادەتتە دائىم قوللىنىلىدىغان ھۆججەت شەكلىنى ئىشلىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ؛ ئىجرا بولۇش مۇھىتى Windows2000 مەشغۇلات سېستمىسىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك, دەرسلىك دېتالى  ppt،  flash،  authorware، قاتارلىقلاردا تۈزۈلسە بولىدۇ، شەرتى: چوقۇم دەرسلىك دېتالى بىلەن قوشۇپ، ئىشلەتكەن ، ئۆزى تەييارلىغان بارلىق خام ماتىرىياللارمۇ بىرگە قوشۇپ ئەۋەتىلىشى لازىم .
        ② يوللاش شەكلى: دەرسلىك دېتالى پۈتكەندىن كېيىن بېكىتىمىز مەخسۇس تەسىس قىلغان مۇسابىقە رايۇنى سەھىپىسىگە ئالدىغا مۇسابىقە دېگەن سۆزنى قوشۇپ دەرسلىك دېتالىنىڭ ماۋزۇسىنى قۇيۇپ تېما قىلىپ يوللايدۇ، تېما ئىچىگە دەرسلىك كۆرۈنمە يۈزىدىن بىر قانچە پارچە رەسىمنى كەسمە ھالەتتە ئەۋەتسىلا بولىدۇ، دەرسلىك دېتالى ۋە ئۇنىڭغا ئىشلەتكەن بارلىق خام ماتىرىيالنى بېكىتىلگەن ئېلخەت ئادرىسىغا يوللاپ بېرىشى لازىم، باھالاشتىن بۇرۇن توردا ئاشكارا ئېلان قىلىنمايدۇ. قاچىلاش، ئىشلىتىش ۋە ئۆچۈرۈشكە قۇلايلىق بولۇش، تور بەت شەكلىدىكى ئەسەرنى ئاممىباپ  web كۆز يۈگۈرتكۈچ ئارقىلىق كۆرگىلى بولۇش، ئەگەر يۇمشاق دېتالدا ئىجرا قىلىش ۋە قويۇشقا توغرا كەلسە يۇمشاق دېتالنىمۇ تەڭ تەمىنلەپ بېرىش كېرەك.
        ③دەرسلىك دېتالىنىڭ خەت نۇسخىسى چوقۇم ئەلكاتىپ ياكى ئويغان( ukij ) كىرگۈزگۈچنىڭ خەت نۇسخىسىدا تەييارلىنىشى لازىم.
        3) باھالاش كۆرسەتكۈچى
        كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى
        ئوقۇتۇش لايىھەسى (35نومۇر)
        ئوقۇتۇش نىشانى، ئوبېكتى ئېنىق بولۇش، ئوقۇتۇش تەدبىرى جايىدا بولۇش؛
        كۆرۈنمە يۈزنى لايىھەلەش جايىدا، ئۇسلۇبى بىرلىككە كەلگەن بولۇش؛
        يېزىقچە چۈشەندۈرۈلىشى ۋە ياردەمچى ئارخىپلىرى ئېنىق بولۇش.
       رەڭ ۋە تەگلىكلەر، سۈرەتلەر ماسلاشقان بولۇش.
        مەزمۇنىنى بايان قىلىش (25نومۇر)
        مەزمۇنى مول، ئىلمىي، بايانى توغرا، سۈزى قېلىپلىق بولۇش؛
        تاللىغان تېما جايىدا، ئىپادىلەش ئۇسۇلى مۇۋاپىق بولۇش؛
        تىلى ئىخچام، ئوبرازلىق، يېزىق ئۆلچەملىك بولۇش؛
        خام ماتېرىيال (يېزىق ھۆججىتى، ئاۋازلىق ۋە كۆرۈنمە چاستوت، كارتۇن قاتارلىقلار) نى جايىدا تاللاپ ئىشلىتىش، قۇرۇلمىسى مۇۋاپىق بولۇش.
        تېخنىكا قوللىنىش (20نومۇر )
        سېستىمىنىڭ ئايلىنىشى  نۇرمال، مەشغۇلات ئۇسۇلى ئاددى ھەم قۇلايلىق بولۇش؛
        يېتەكلەش لېنىيىسى ئىلمىي، يوللارنى تاللىغىلى بولىدىغان بولۇش؛
        يېڭى تېخنىكىنى ئىشلىتىش ئۈنۈملۈك بولۇش؛
        يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئەمەلىي قوللىنىش (20نومۇر )
        مەقسەت مۇددىئاسى يېڭىچە، تەپەككۈرى ۋە خاسلىققا ئىگە بولۇش؛
ئەمەلىي  ئوقۇتۇشتا قوللانغىلى بولىدىغان، كېڭەيتىش قىممىتىگە ئىگە بولۇش؛
4) ئەسەرنىڭ سالاھىيىتىنى بېكىتىش
(1) سىياسى خاتالىق ۋە پەن ئۇقۇم خاتالىقى كۆرۈلگەن ئەسەرنىڭ باھالىنىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
(2) ساختىلىق قىلمىشىنى قەتئى چەكلەش كېرەك. ئەگەر بايقالسا شۇ ئەسەرنىڭ قاتنىشىش سالاھىيىتى ۋە مۇكاپاتقا ئېرىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
5) ئەسەر لايىھەلەش
(1) پايدىلانغان ماتېرىيال بولسا ئەسلى كېلىش مەنبەسىنى ئىزاھلاش كېرەك. مۇسابىقىگە قاتناشتۇرغان ئەسەردىن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى تالاش-تارتىشى كېلىپ چىقسا، مەسئۇلىيەتنى ئەسەر ئەۋەتكۈچى ئۈستىگە ئالىدۇ.
(2) كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرغان ھەر بىر ئەسەرنىڭ ئاپتۇرى ئىككى ئادەمدىن ئېشىپ كەتمەسلىك كېرەك.
3. يوللاش ۋاقتى :2012-يىلى 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 2-ئاينىڭ 6 -كۈنىگىچە.
4. كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى باھالاش: كۆپ ۋاستىلىق دەرس دېتالى مۇسابىقىسى خىزمىتىگە روھلان تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە بىر قىسىم مائارىپ سېپىدىكى تەتقىقاتچىلاردىن  باھالاش گۇرۇپپىسى تەسىس قىلىنىپ باھالاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.
5.  يوللاشقا قۇيۇلىدىغان تەلەپ
مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرنىڭ پىرىس ھۆججىتىدە ۋىروس بولماسلىقى، نۇرمال ئىجرا بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرنى تىزىملاش جەدۋېلى (قۇشۇمچە 1) نى ئاپتۇر ئەستايىدىل تولدۇرۇپ، ئۆز ئىمزاسىنى قۇيۇپ، دەرسلىك دېتالى بىلەن بىرگە بېكىتىلگەن ئېلخەتكە  يوللاپ بېرىش كېرەك.
5. مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان ئەسەرنى باھالاش چارىسى ۋە مۇكاپات تەسىس قىلىش
1) باھالاش چارىسى: تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش ۋە مۇتەخەسىسلەر باھالاش دەپ ئىككى خىلغا بۆلىنىدۇ.
(1) تېخنىكىلىق تەكشۈرۈش: سالاھىيىتىنى دەسلەپكى باھالاش، ئەسەرلەرنى قاچىلاش، ئىجرا قىلىنىشىنى سىناش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تېخنىكىلىق تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەن ئەسەر مۇتەخەسىسلەرنىڭ باھالىشىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ.
(2) مۇتەخەسىسلەر باھالاش: مۇتەخەسىسلەر گۇرۇپپىسى روھلان تورىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان تەجىربىلىك خادىملاردىن تەشكىللىنىدۇ. تېخنىكىلىق سىناشتىن ئۆتكەن ئەسەرلەر باھالاپ چىقىلىپ، مۇكاپات دەرىجىسى بېكىتىلىدۇ.
2) مۇكاپات تەسىس قىلىش:
باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن، مۇشۇ كۆرسىتىلگەن ئەسەرلەرنىڭ ئارىسىدىن 1-، 2-، 3-دەرىجىلىك مۇكاپاتنى ۋە بىر قانچە مۇنەۋۋەر مۇكاپاتنى باھالاپ چىقىدۇ. مۇكاپاتقا ئېرىشكەن شەخسىلەرنى ماددى مۇكاپاتلاش ئېلىپ بېرىلىدۇ.

6.  مۇكاپات بۇيۇمى
1-دەرىجىلىك مۇكاپات:  1 نەپەر، مۇكاپاتى 600 يۇەن نەق پۇل( كىلەچەك تورى 300 يۇەن چىقاردى) ۋە بىلقۇت شىركىتى يېڭىدىن بازارغا سالغان 10 يۈرۈش كومپيۇتېر ئوقۇتۇش ماتېرىيالىدىن خالىغان ئىككى يۈرۈش، قىياس تورى تەمىنلىگەن 1gb تور بوشلۇقى، 250مېگا بايت mysql ساندان

2-دەرىجىلىك مۇكاپات: 3 نەپەر، مۇكاپاتى بىلقۇت شىركىتى بازارغا سالغان  10 يۈرۈش كومپيۇتېر ئوقۇتۇش دەرسلىكىدىن خالىغان 2 يۈرۈشتىن ياكى مۇختار روزى تۇزۇپ چىققان photoshop دەرسلىكى (350 يۈەن قىممىتىدە)،ASPدەرسلىكى ۋە ئېتىقاد تورىنىڭ 2011- يىللىق نەشىرىدىكى ئەسلى پروگراممىسى (500 يۈەن قىممىتىدىكى دەرسلىك) نىڭ خالىغان بىرسى،  قىياس تورى تەمىنلىگەن 1gb تور بوشلۇقى، 150مېگا بايت mysql ساندان

بىلقۇت شىركىتى بازارغا سالغان  10 يۈرۈش كومپيۇتېر ئوقۇتۇش دەرسلىكىنىڭ تەپسىلاتىنى بۇ يەردىن كۆرۈڭ: http://www.rohlan.biz/thread-11920-1-1.html

3-دەرىجىلىك مۇكاپات: 3 نەپەر، مۇكاپاتى 1 دانە 4GB لىق بارماق دېسكا ،  قىياس تورى تەمىنلىگەن 1gb تور بوشلۇقى، 50 مېگا بايت mysql ساندان

مۇنەۋۋەر مۇكاپات: 5 نەپەر، مۇكاپاتى قىياس تورى تەمىنلىگەن 20 گىگابايتلىق قىياس تور دېسكىسىنىڭ 1 يىللىق vip ئەزالىقى،  200 روھلان تەڭگىسى

2-3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلاردىكى دەرسلىك ۋە بارماق دېسكىلار پوچتىدىن ئەۋەتىلىدىغان بولۇپ، بارلىق پوچتا ھەققىنى روھلان تور بېكىتىمىز ئۈستىگە ئالىدۇ .


7. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېين بارلىق دەرسلىكلەرقىياس تورى , كىلەچەك تورى ۋە روھلان تورىدا ھەقسىز تەشۋىق قىلىنىپ تارقىتىلىدۇ .

8. دەرسلىك دېتالى ۋە دەرسلىك دېتالىغا ئىشلىتىلگەن بارلىق خام ماتىرىياللار تۆۋەندىكى ئېلخەتكە ئەۋەتىلسە بولىدۇ، ئېلخەت ئادرىسى: rohlan@rohlan.biz

قوشۇمچە جەدىۋەلنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ: http://soft.rohlan.biz/GetFile.asp?Id=120109222301ia89O  

بۇ قېتىملىق پائالىيتىمىزنى قوللىغۇچىلار:
رەسىم ئامبىرى تورى    قىياس دۇنياسى   كىلەچەك تورى
بۇ قېتىملىق پائالىيتىمىزنى قوللايدىغان ۋە ھەمكارلىشىدىغان شىركەت، كارخانا ۋە تور بىكەتلەرنى داۋاملىق قىزغىن قارشى ئالىمىز ، مىللى مائارىپىمىزنى قوللىغانلىقىڭىز ئۆز پەرزەنتىڭىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزدۇر .
ھەر قايسى تور بىكەت ۋە بلوگلارنىڭ ئۆز تور بېكىتىدە ئېلان قىلىشنى، ئەسەر قاتناشتۇرۇشىنى، تەشۋىقات خىزمىتىدە ھەمدەم بولۇشىنى ئۈمىت قىلىمىز، تېخىمۇ كۆپ مائارىپچىلار بۇ قېتىمللىق مۇسابىقىدىن خەۋەردار بولسۇن .
تېما ئادرىسى: http://www.rohlan.biz/thread-12055-1-1.html

ھۆرمەت بىلەن:

روھلان تور بېكىتى   رەسىم ئامبىرى تورى    قىياس دۇنياسى    كىلەچەك تورى


2012-يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنى

ئىنكاس تەۋسىيە قىلىش

karwan728 بۇ ئىنكاسنى 37-قەۋەتتە يوللىغان  تۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈش

ناھايتى ياخشى باشلىنىش بوپتۇ. ئەسلى مەنمۇ ۋاقىت چىقىرپ قاتنىشىشنى ئويلىغان ئىدىم، بىراق تەتىلدە باشقا بىر ئىشقا تۇتۇش قىلىپ قويغان بولغاچقا ئامالسىز قاتنىشالمايدىغان بولدۇم. تۆۋەندە 2006-يىلى ئاقسۇ ۋېلايىتى بويىچە ئۆت ...

ADiL بۇ ئىنكاسنى 25-قەۋەتتە يوللىغان  تۇلۇق مەزمۇننى كۆرۈش

مۇسابىقىگە قاتناشقۇچىلار سەمىگە: دەرسلىك چوقۇم ئۇيغۇرتىلىدا تۈزۈلىشى كېرەك، خەنزۇچە تۈزۈلگەن دەرسلىك قۇبۇل قىلىنمايدۇ .
ھازىرغىچە 28 ئادەم باھالىدىتەجرىبە ئىناۋەت تەڭگە قىزغىنلىق تۆھپە يىغىش سەۋەبى
ئەتە + 2 + 2 + 1 ياقتۇردۇم
خاككىر927 + 2 + 2 + 1 يارايسىز
يۇلتۇزى + 1 + 1 + 1 يارايسىز
titanic925 + 10 + 10 + 3 + 5 + 5 يارايسىز
MA730 + 2 + 2 + 1 يارايسىز
KaDir + 6 + 6 + 3 + 5 يارايسىز
مۇرادىل + 6 + 6 + 3 + 5 قوللايمەن
kaplan + 10 + 10 + 3 + 5 + 5 ياخشى تېما
火心0995 + 5 + 5 + 2 + 2 ياخشى تېما
karwan728 + 10 + 10 + 3 + 5 + 5 ياخشى تېما
bagwan821028 + 2 + 2 يارايسىز
Perzent + 10 + 10 + 3 + 5 + 5 ياقتۇردۇم
hanjar + 5 + 5 + 4 يارايسىز
Maarip + 10 + 10 + 3 + 4 + 5 كارامەت ياخشى ئىش بول.
ئويرۇك + 10 + 10 + 3 + 3 + 4 ۋەھشى ياخشى ئىش بوپتۇ
bulak874 + 10 + 10 + 3 + 5 + 5 يارايسىز
بايقاش + 1 + 1 + 1 + 1 يارايسىز
0998-YADIKAR + 2 + 2 + 1 ياخشى تېما
arkambiz + 5 + 5 + 2 + 3 ياخشى تېما
tulpar2 + 5 + 5 + 2 + 3 يارايسىز
sadikman + 2 + 2 + 1 ياخشى تېما
qayan88 + 8 + 8 + 2 + 5 + 5 يارايسىز
艾克拜尔520 + 1 + 1 + 1 + 1 يارايسىز
ahat0902 + 10 + 10 + 3 + 5 + 2 يارايسىز
dihanogli + 10 + 10 + 3 + 5 + 5 يارايسىز
kurban007 + 9 + 9 + 8 يارايسىز
Tursun007 + 10 + 10 + 3 + 5 + 5 يارايسىز
dolani1 + 10 + 8 + 3 + 3 + 5 يارايسىز

ھەممە باھا نومۇرى : تەجرىبە + 174  ئىناۋەت + 172  تەڭگە + 47  قىزغىنلىق + 93  تۆھپە + 58   باھا خاتىرىسى

روھلان تور بېكىتىمىزگە ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ۋە مائارىپى ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشالايدىغان بىر تۈركۈم ئىقتىساسلىقلار كېرەك .
ADiL 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

[?]
تەڭگە
4087 دانە
تۆھپە
2744 سەر

نازارەتچى ئوردىنى مائارىپ ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 00:04:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھلان تور بېكىتىمىزگە ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقى ۋە مائارىپى ئۈچۈن خالىس تۆھپە قوشالايدىغان بىر تۈركۈم ئىقتىساسلىقلار كېرەك .

Rank: 3Rank: 3

[?]
تەڭگە
2 دانە
تۆھپە
0 سەر
يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 00:34:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەئەلەيكۇم ئەسسەلام بۇ ناھايىتى ياخشى باشلىنىش بۇپتۇ مەنمۇ بىزەكچىلەر ۋادىسى مۇنبىرىگە يوللىدىم http://bizakqi.com/bbs/forum.php?mod=viewthread&tid=1115مىللى مائارىپىمىزنى قوللىغانلىقىڭىز ئۆز پەرزەنتىڭىزنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلگىنىڭىزدۇر

باھا سۆز

قوللايمەن: 5.0
ADiL  قوللايمەن: 5
قولىغانلىقىڭىزغا تەشەككۈر  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 01:04:16

Rank: 19Rank: 19Rank: 19Rank: 19Rank: 19Rank: 19

[?]
تەڭگە
569 دانە
تۆھپە
316 سەر

ئىجادچانلىق ئوردىنى ئاكىتىپلىق ئوردىنى ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 00:37:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇسابىقىگە قاتنىشىدىغان خادىملار نىڭ  ماھارەتلىرىنى  كۆرسىتىپ ،سەرخىل   كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش يۇمشاق دېتالىنى رۇياپقا چىقىرىپ ، كەلگۈسى ئەۋلاتلار ئۈچۈن بىركىشىلىك ھەسسە قۇشۇشىنى ئۆمىت قىلىمەن  ھەمدە مۇسابىقىدە غەلبە تەنتەنىسىگە ئىرىشىشگە تېلەكداشمەن .

روھلاندا   روھىمىزنى ئۇرغۇتۇپ  غەلبە  تەنتەنىسىگە ھۇررا !!!!!{:7_220:}

Rank: 19Rank: 19Rank: 19Rank: 19Rank: 19Rank: 19

[?]
تەڭگە
435 دانە
تۆھپە
57 سەر

ئاكىتىپلىق ئوردىنى مائارىپ ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 02:39:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇسابىقە ناھايتى ياخشى پەيتتە ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقە بۇلۇپتۇ!
شۇنداقلا مۇسابىقىنى كۆرۇپ سۇينۇپ كىتىۋاتقان، كۇڭلىددە ئۇتتەك قاتناشقىسى بار مەلۇم سەۋپلەر بىلەن ۋاقتىنى چىقىرالمايۋاتقان ۋەياكى مائارىپ سىپىدە بۇلمسىمۇ بىزنى قۇللاپ كىلۋاتقان، بۇ تىمىنى كۆرۇپ قاتنىششنى كۇڭلىگە پۇككەن ئۇت يۇرەك ئۇغلانلىرىمىزغا ھەمدە مۇشۇنداق ياخشى سۇرۇن ھازىرلاپ بەرگەن رۇھلان تۇرىمىزغا ، رۇھلاننى قۇللاپ بەرگەن شىركەت ئاتامانلىرىغا چىن كۇڭلىمىدىن ئالى ئىھتىرام بىلىدۇرىمەن.

خەلقىمىزئۇچۇن قىلغان،  مىللى مائارىمىز ئۇچۇن قىلغان ئەجىرلىرىمىز ھەرگىز يەردە قالمايدۇ.
مىللى مائارىپ ئۇچۇن كۇرەش قىلىپ، جاپاكەش ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ يۇكىنى يەڭگىللىتىش!

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

[?]
تەڭگە
291 دانە
تۆھپە
13 سەر

ئاكىتىپلىق ئوردىنى مائارىپ ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 08:04:18 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالدىمىزدا ئۇلۇغ شان -شەرەپلەر بىزنى كۈتمەكتىكەن، قېنى پۇرسەتنى چىڭ تۇتايلى.

باھا سۆز

ADiL  قاتنىشىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 13:54:58

Rank: 19Rank: 19Rank: 19Rank: 19Rank: 19Rank: 19

[?]
تەڭگە
2763 دانە
تۆھپە
627 سەر

نازارەتچى ئوردىنى شەرەپ ئوردىنى تەلەي ئوردىنى ئاۋانگارت ئوردىنى ئاكىتىپلىق ئوردىنى ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى Office ماھىرى قىزغىنلىق ئوردىنى مائارىپ ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 09:42:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رايۇنىمىزدىكى ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مائارىپ تېخنىكىسى، توردىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى، ئۇچۇر تەربىيىلىنىشى ۋە يۇمشاق دېتال لايىھەلەش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ پەن ئوقۇتۇش بىلەن ئۈنۈملۈك بېرىكىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ ئوقۇ-ئوقۇتۇشتا كەڭ قوللىنىشىنى سىلجىتىش ئۈچۈن ئىلىپ بىرىلغان روھلان تورى دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىلىشىغا تىلەكداشمەن.
مۇختار رۇزى دەرسلىكلىرى ھەقسىز تارقىتىلماقچى

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

[?]
تەڭگە
60 دانە
تۆھپە
1 سەر

ھەمكارداش ئوردىنى مائارىپ ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 10:30:16 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تىمىنى مەنمۇ تور بېكىتىمدە ئېلان قىلاي

باھا سۆز

ADiL  تور بېكىتىڭىزدە بۇ ھەقتە تېما يوق ئىكەن  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 13:54:08

Rank: 7Rank: 7Rank: 7

[?]
تەڭگە
112 دانە
تۆھپە
53 سەر

ئاكىتىپلىق ئوردىنى مائارىپ ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 11:33:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
روھلان تورى دەرسلىك دېتالى تۈزۈش مۇسابىقىسىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىلىشىغا تىلەكداشمەن ھەم ئاكتىپ قاتنىشىمەن.بۇ بىر ياخشى ئىش بوپتۇ. ئەجىر مېھنەتتىن ئېچىلدۇرغان گۈلدەستىلىرىمىزنى سۇنۇپ رايونىمىز مائارىپىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەممىمىز ئورتاق تىرىشايلى. مائارىپ سېپىدىكىلەرنىڭ ئورتاق نىشان ئۈچۈن ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

باھا سۆز

ADiL  قاتنىشىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 13:55:38
nuri 实名认证 

Rank: 19Rank: 19Rank: 19Rank: 19Rank: 19Rank: 19

[?]
تەڭگە
1823 دانە
تۆھپە
48 سەر

ئىجادچانلىق ئوردىنى ئاكىتىپلىق ئوردىنى شائىر لىق ئوردىنى مائارىپ ئوردىنى ئىشەنچىلىك ئەزا ئوردىنى قىزغىنلىق ئوردىنى ئاۋانگارت ئوردىنى

يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 12:37:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ا

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەزىز تورداشلار ، ئالدى بىلەن بۇ مۇسابىقىنى ئۇيۇشتۇرغان روھلاندىكى جاپاكەشلەرگەئوتلۇق سالىمىمنى يوللايمەن. شۇنداقلا ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇش بىلەن بىرگە بۇ پائالىيەتنى قوللاپ ، ئاۋاز قوشقان بارلىق يولداشلارنى چىن قەلبىمدىن قىزغىن قارىشى ئالىمەن. دوستلار قول تۇتۇشۇپ، بىرلىكتە ئالغا باسايلى. غەلبە ھەممىمىزگە مەنسۇپ. مائارىپىمىز ئۈچۈن ئالغا!!!!! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nuri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-1-10 12:38  

باھا سۆز

ADiL  قاتنىشىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز  يوللىغان ۋاقتى 2012-1-10 13:55:53
ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ئەسەرلەرنى كۆپرەك ئوقۇۋېلىڭ.

ئەگەر ئېنگىلىزچە كىرگۈزۈش ھالىتىگە ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز Ctrl كۇنۇپكىسى بىلەن K كۇنۇپكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىڭ، يەنە بىر قېتىم مۇشۇنداق باسسىڭىز ئۇيغۇرچىغا ئالمىشىدۇ .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | روھلانغا ئەزا بولۇڭ

ياردەم سوراش|رەسىمسىز|يانفۇن|ئېلان بېرىڭ|روھلان تور بېكىتى ( 新ICP备10200892号 )  

GMT+8, 2012-2-23 04:34

Discuz! X2(NurQut)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش